|
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 18-سېنتەبىر خەۋىرى:
بۇ يىل دۆلەت شىنجاڭنىڭ يېزىلىرىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ سىنىپ بىنالىرىنى ئۆزگەرتىپ سېلىشقا 180 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتتى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىم ئاجرىتىلغان 180مىليون يۈەن ئاساسلىقى ناھىيە، بازارلاردىن تۆۋەن جايلاردىكى مۇستەقىل تەشكىلىي تۈزۈمدىكى يېزا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرى جۈملىدىن 9 يىللىق تۈزۈمدىكى مەكتەپلەرنى يېڭىدىن سېلىش ۋە ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاشخانىسى، ئوقۇغۇچىلار ياتىقى، ھاجەتخانا قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتىپ سېلىش ھەمدە زۆرۈر ئاشخانا ئۈسكىنىلىرى، ئوقۇغۇچىلار كارۋىتى قاتارلىق ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، بۇ رايوندىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش شارائىتى يەنىمۇ ياخشىلىنىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئۇلار تېخىمۇ ئەلا مائارىپ بايلىقىدىن بەھىرلىنىدۇ.
|