|

ئۈرۈمچى BRT تېز سۈرئەتلىك ئاممىۋى ئاپتوبۇسىغا ئالتە ئاي جىددىي تەييارلىق كۆرۈلگەندىن كېيىن، 930 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىغان 1-، 3-لېنىيە 28-ئاۋغۇست سىناق تەرىقىسىدە قاتنىدى. مۆلچەرگە قارىغاندا، تېز سۈرئەتلىك ئاممىۋى ئاپتوبۇس ئادەتتىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇسلارغا قارىغاندا ئۈچتىن ئىككى قىسىم ۋاقىتنى تىجەيدىكەن. سەپەر ئۈنىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، قاتناش بېسىمىنى يېنىكلىتىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئاپتوبۇسقا ئەقلىي ئىقتىدارلىق قاتناشنى تەڭشەش سىستېمىسى، ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش، بېلەت تەكشۈرۈش سىستېمىسى، بىخەتەرلىك ئىشىكى سىستېمىسى ئورنىتىلغان. پۈتۈن مۇساپىنىڭ بىلەت باھاسى 1 يۈەن. شەھەر ئاھالىسى بىخەتەر سەپەرگە چىقالايدۇ.
جۇڭگو رادىيو تورى
|