|
ياڭ يىڭچۈن خەۋەر قىلىدۇ: قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى گو پىڭ تېلېفوندا مۇنداق دېدى: شېنجېن شەھىرى 6 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان قەشقەر شەھەرلىك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق رايونىدا 1 – ئىيۇن ئىش باشلاندى، ئۈچ يۇلتۇز دەرىجىلىك ئۆلچەمدە سېلىنىدىغان، ئومۇمىي كۆلىمى 23 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بۇ رايون يىل ئاخىرىدا پۈتكەندىن كېيىن، قەشقەر شەھىرىدىكى يېتىم بالىلار ۋە ئەمگەك ئىقتىدارى، قانۇندا بەلگىلەنگەن قارىغۇچىسى، كىرىمى يوق ياشانغانلارنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسى ھەل بولىدۇ.
خۇش خەۋەر يالغۇز بۇلا ئەمەس، كىشىلەرنى روھلاندۇرىدىغان خەۋەرلەر ھەممە تەرەپتىن كېلىشكە باشلىدى: خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى بىلەن بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى كۆپ قېتىم پىكىرلەشكەندىن كېيىن، بېيجىڭ شەھىرى خوتەن ۋىلايىتى، شۇنداقلا خوتەن شەھىرى، خوتەن، لوپ، قاراقاش ناھىيەلىرىنىڭ 795 مىليون 450 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان تۆت چوڭ خەلق ئىشلىرى تۈرىگە ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىشنى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتتى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى بىلەن جېجياڭ ئۆلكىسى ياشانغانلار ساناتورىيەسى، بالىلار پاراۋانلىق يۇرتى، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش زاپاس ساقلاش ئىسكىلاتى قاتارلىق 220 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان ياردەم بېرىش تۈرىنى بېكىتتى؛ قىزىلسۇ ئوبلاستلىق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى جياڭسۇ ئۆلكىسى، جياڭشى ئۆلكىسى بىلەن ئاپەت زىيىنىنى ئومۇميۈزلۈك ئازايتىش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، سەرگەردان بالىلارنى قۇتقۇزۇش – ياردەم بېرىش قاتارلىق 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى ئۇدۇللاشتۇردى؛ خېنەن ئۆلكىسى بەش يىل ئىچىدە 127 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ ناھىيە، شەھەرلىرىدە ياشانغانلار پائالىيەت مەركىزى، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مەركىزى قاتارلىق تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى...
بورتالا ئوبلاستلىق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى خۇبېي ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى بىلەن خىزمەتلەرنى پائال ئۇدۇللاشتۇردى، ئۈچ يىلدىن – بەش يىلغىچە، بورتالا ئوبلاستىدىكى ئىككى ناھىيە، بىر شەھەردىكى خەلق ئىشلىرى كادىرلىرىنى نۆۋەت بىلەن تەربىيەلەش، خۇبېي ئۆلكىسى خەلق ئىشلىرى كادىرلىرىنى بورتالا ئوبلاستىغا ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتىپ، ئىختىساسلىقلار مەدىتى بېرىش پىلانلاندى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى مو جۈەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇلغاندىن كېيىنلا، نازارىتىمىز شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇردى ھەم ئۇنى ئالتە گۇرۇپپىغا ئايرىپ، 12 ۋىلايەت(ئوبلاست)نىڭ خەلق ئىشلىرى تۈرىنىڭ ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا كونكرېت مەسئۇل قىلدى. نازارىتىمىز شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىشتىكى خەلق ئىشلىرى خىزمىتى ۋەزىپىسىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەخسۇس يىغىندىن سەككىز قېتىم، ياردەم بېرىلىدىغان 82 ناھىيە، شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى مەسئۇللىرى يىغىنىدىن ئۈچ قېتىم ئاچتى، شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىشتىكى خەلق ئىشلىرى تۈرى پىلانى تۈزدى، خەلق ئىشلىرىغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى مەخسۇس تەتقىق قىلدى. نازارىتىمىز يەنە ‹‹شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىشتىكى خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا يېتەكچى پىكىر››، ‹‹ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش›› قاتارلىق ھۆججەتلەرنى تارقىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىز خەلق ئىشلىرى سىستېمىسىغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنى، نىشان ۋەزىپىسىنى، ئاساسىي قاتلام خىزمەتلىرىنى توغرا ئىگىلەش، نۇقتىلىق تۈرلەرنى پىلانلاش قاتارلىقلار توغرىسىدا ئېنىق تەلەپ قويدى.
ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى خەلق ئىشلىرى سىستېمىسى 3 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسى، بالىلار پاراۋانلىق ئەسلىھەسى، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا جىددىي تەييارلىق كۆرۈش سىستېمىسى، مەھەللە مۇلازىمەت ئەسلىھەسى، دەپنە مۇلازىمىتى ئەسلىھەسى، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشتىن ئىبارەت يەتتە چوڭ تۈرنى ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش ئومۇمىي يىرىك پىلانىغا كىرگۈزدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاجىز كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىك بەزى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تۈرلىرىدە يىل ئاخىرىغىچە ئىش باشلىنىدۇ.
|