|
جۇڭگو بانكىسى 60 مىليارد يۈەن كرېدىت بىلەن تەمىنلەپ ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىدۇ مۇخبىرىمىز خۇاڭ يەن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن جۇڭگو بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى 25 – ماي ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى. جۇڭگو بانكىسى كەلگۈسى ئۈچ يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى 60 مىليارد يۈەن مۇددىئا خاراكتېرلىك مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم جۇڭگو بانكىسىنىڭ باشلىقى لى لىخۇي ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى سۆھبەت يىغىنى ۋە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ۋاڭ لېچۈەن سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئېلىمىزنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئېنېرگىيە بازىسى، غەربىي رايون ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم تايانچ نۇقتا بولۇپلا قالماي، ئېلىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشىدىكى مۇھىم ئۆتكەل. ھازىر بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇش، بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە رايون ئەۋزەللىكىنى تولۇق ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، يېڭىچە سانائەتلىشىش مۇساپىسىنى تېزلىتىش ئارقىلىق شىنجاڭدا بىر تۈركۈم ئەۋزەل كەسىپلەر شەكىللىنىپ، نۇرغۇن ئەۋزەل كەسىپ توپى بەرپا قىلىنىپ، خەلقئارا، دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلار شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىش، ئېچىشقا جەلپ قىلىندى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، شىنجاڭنىڭ بايلىقى مول، ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك، يوشۇرۇن كۈچى زور، ئىستىقبالى پارلاق بولۇپ، جۇڭگو بانكىسى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ تۈرلۈك كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى زور بازار بىلەن تەمىنلىدى. ھازىرقى پۇل مۇئامىلە كرىزىسى ۋەزىيىتىدە، جۇڭگو بانكىسى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى ئىمزالىشى جۇڭگو بانكىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ئىشەنچىسى بارلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. ۋاڭ لېچۈەن جۇڭگو بانكىسىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى ھەم جۇڭگو بانكىسىنىڭ مەركەز، ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرىدىن داۋاملىق ياخشى، تولۇق، جانلىق پايدىلىنىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ۋە مەھسۇلات، مۇلازىمەتتە پائال يېڭىلىق يارىتىپ، كەسىپ تۈرى ۋە مۇلازىمەت ساھەسىنى تىرىشىپ كېڭەيتىپ، شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان رايون، نۇقتىلىق كەسىپ، نۇقتىلىق تۈر قاتارلىقلارنى قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق كەسىپلەرنى بۇرۇنقىدەك قوللاش ئاساسىدا، شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى ئېچىپ پايدىلىنىش بازىسى قۇرۇلۇشى، دۆلەت جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان باشقا قېزىلما بايلىقلارنى قېزىش ۋە پىششىقلاش بازىسى قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا باغۋەنچىلىك، پاختا توقۇمىچىلىق قاتارلىق خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش بازىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا قەرز بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو بانكىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ بولۇش ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇل ئەسلىھەلىرى ئاجىز بولۇش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، قاتناش، سۇ ئىنشائاتى ئۇل ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىنى قوللاشنى كۈچەيتىشىنى؛ شىنجاڭنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، خەلقئارالاشقان ئىگىلىك باشقۇرۇش ساھەسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا كۆپرەك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى. لى لىخۇي مۇنداق دېدى: جۇڭگو بانكىسى ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى يەنىمۇ تېزلىتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرى››نى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تولۇق فۇنكسىيىلىك بانكا بولۇش ۋە چەت ئەللەردىكى تارماق ئاپپاراتى كۆپ بولۇش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش، يېڭىچە سانائەتلىشىش قۇرۇلۇشى ۋە قاتناش، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا ئىمپورت – ئېكسپورت كارخانىلىرى، ‹‹چىقىرىش›› ئىستراتېگىيىسى يولغا قويۇلغان كارخانىلار ۋە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش قاتارلىقلارنى ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك كۆپ مەنبەلەشكەن پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇت بىلەن لى لىخۇي ھەمكارلىق ئەسلەتمىسىگە ئىمزا قويدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ يۇڭمىڭ قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنى ۋە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
|