ساقلاش | باش بەت قىلىش | ئەزا مەركىزى | يوللاش | RSS
ئورنىڭىز : باش بەت >> خەۋەر >> شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قاغىلىق ۋە گۇما ناھىيىلىرىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايوننىڭ ئاپەت ئەھۋالى ئېغىرلاشتى ، 17مىڭ 926 كىشى ئاپەتكە ئۇچرىدى

ۋاقتى: 2009-05-25 02:59:33  خەۋەر مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى  يوللىغۇچى :koknur
  مۇخبىرىمىز ياڭ يىڭچۈننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش – پاناھلاندۇرۇش باشقارمىسىدىن ئۇقۇشىچە، قارا يامغۇر ۋە يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىدە ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئۆيلەر ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما داۋاملىق كۆپەيگەن. مۇخبىرىمىز 23 – ماي سائەت 19دا ماقالىنى يوللىغانغا قەدەر، گۇما ۋە قاغىلىق ناھىيىسىدىكى قىسمەن يېزا – بازارلاردا 17 مىڭ 926 كىشى ئاپەتكە ئۇچرىغان، 72 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، 256 ئېغىز ئۆي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، گۇما ناھىيىسى گۇما بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت بىناسىغا دەز كېتىپ، ئۇلى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن، ھازىرغىچە ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.

   21 – ماي سائەت 20دىن 33 مىنۇت ئۆتكەندە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيىسى بىلەن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيىسى چېگرىلىنىدىغان جايدا 5.2 بال يەر تەۋرىدى.

   يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئالاقىدار تارماقلاردىن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش – ئۆلچەش ئىدارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر نەق مەيدانغا كېچىلەپ بېرىپ، ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قوماندانلىق قىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى يۆتكىدى ۋە ئورۇنلاشتۇردى. خوتەن، قەشقەر ۋىلايەتلىرى ۋە قاغىلىق، گۇما ناھىيىسىدىكىلەر يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش لايىھىسىنى جىددىي تۈزۈپ يولغا قويۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزدى.

   ھازىر يەرلىكتە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا 6.6 توننا ئۇن، 129 توننا كۆممىقوناق، 80 توننا كۆمۈر، 500 يوتقان – كۆرپە، 300 پارچە كىگىز تارقىتىپ بېرىلدى؛ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ كەيپىياتى ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوننىڭ ئىجتىمائىي تەرتىپى مۇقىم بولۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوننىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى تەرتىپىلىك داۋاملىشىۋاتىدۇ.

باھالاش
كۆرۈلىشى
 قايتىش
قايتىش
ئالدىنقى خەۋەر : سۇڭ ئەيرۇڭ ئاۋسترالىيىلىك مېھمانلار بىلەن سۆھبەتلەشتى
كىيىنكى خەۋەر : ئاپتونوم رايونىمىزدا ئوتتۇرا مەكتەپ شۇجىلىرى ، مۇدىرلىرىنى تەربىيىلەش بويىچە 6–قارارلىق كۇرس ئېچىلدى
تەۋسىيە خەۋەرلەر
دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار يولۇچىلار ئايروپىلانى شىنجاڭغا كەلدى
دۇنيادىكى
يېزا – بازار شىپاخانىلىرىغا نىشانلىق، ھەقسىز تەربىيەلەش بويىچە 200 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ
يېزا – بازا
قاغىلىق ناھىيسىى ئانار بايرىمىنى كۈتىۋالدى
قاغىلىق نا
ۋېن جىياباۋ گېرمانىيە زوڭلىسى موكىر بىلەن كۆرۈشتى
ۋېن جىيابا
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
    مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن يوق
بۇ سەھىپىدىكى يېڭى خەۋەرلەر
كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر