|

كەنت ئاھالىسى بايقىغان غەلىتە تۈك
ئالدىنقى يىلى شېننوڭجىيا كەنتى ئاھالىلىرى غەلىتە بىر خىل «ياۋايى ئادوم تۈكى»نى تېپىۋالغاندىن كىيىن ئاز ئۇچىرايدىغان زەمبۇرۇغ تۈرى دەپ بېكىتىلگەن. شۇ يەرلىك ئاھالىلەر يېقىندا يەنە يېڭى بىر نەرسىنى بايقىغان. 7-ئاينىڭ 13-كۈنى، شېننوڭجىيا كەنتى تەبئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايۇن تەتقىقات مەركىزى كەنت ئاھالىسى ئېنىقلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن ھايۋانات تۈكىنى «بېكىتىشكە ئامالسىز» قالدى، چۈنكى بۇ تۈكلەر ئادەتتىكى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تۈكىگە ئوخشىمايدىكەن.

ئاتا-بالا ئىككىسى ئۆزلىرى بايقىغان تۈكنى كۆرسەتمەكتە

تەكشۈرۈش ئەتىرىتى نەق مەيداندىن يەنە بىر قىسىم غەلىتە تۈكلەرنى بايقىغان
بۇ تۈكلەرنى كەنت ئاھالىسى تاغقا چىقىپ دورا ئۆسۈملۈكى تەرگىلى بارغاندا ئاچراتقان ئىكەن.
تەكشۈرۈش ئەتىرىتى نەق مەيدانغا بارغاندىن كىيىن يەنە بىر قىسىم تۈكلەرنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇزۇنلۇقى 30سانتىمىتىر كىلىدىغان ئاياق ئىزىنى بايقىغان.
|