ساقلاش | باش بەت قىلىش | ئەزا مەركىزى | يوللاش | RSS
ئورنىڭىز : باش بەت >> خەۋەر >> مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەرتەرەپلىمە تۈزەش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

ۋاقتى: 2009-05-20 18:39:37  خەۋەر مەنبەسى : ئۇيغۇر تور بىكەتلىرى  يوللىغۇچى :koknur

خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ، شى جىنپىڭ، جۇ يۇڭكاڭ ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 18 – ماي تېلېگراممىسى. مەملىكەتلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى 18 – ماي چۈشتىن ئىلگىرى ‹‹خەلق›› سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مەركەز جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جۇ يۇڭكاڭ يىغىندىن ئىلگىرى يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى.

     جۇ يۇڭكاڭ تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركەز جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، 2005 – يىلىدىن 2008 – يىلىغىچە مەملىكەت بويىچە جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتى بويىچە تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ، ئىلغار خىزمەتچىلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئۇزاقتىن بۇيان جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەرتەرەپلىمە تۈزەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىپ كەلگەن يولداشلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەرتەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىگە پائال قاتناشقان ۋە ئۇنى قوللىغان جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ۋە خەلققە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

     ئۇ مۇنداق دېدى: يېڭى ۋەزىيەتتە خەلق تېخىمۇ تىنچ ئىجتىمائىي مۇھىتقا تەشنا، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسى جاپالىق ھەم ئېغىر. جايلار، تارماقلار دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى تەلەپ، يېڭى خىرىسلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەرتەرەپلىمە تۈزەش ئىدىيىسى، تەسەۋۋۇرى، تۈزۈلمىسى، مېخانىزمى، ئۇسۇلى، ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەرتەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا، جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

     جۇ يۇڭكاڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ سىياسىي ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ چىڭ قائىدىنى ۋە مۇقىملىقتىن ئىبارەت بۇ جىددىي ۋەزىپىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ياخشى تۇتۇپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئۇنى ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى سۈپىتىدە زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش؛ ھەرقايسى تارماق، ئورۇنلارنىڭ تەڭ تۇتۇپ، تەڭ باشقۇرۇش ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىنىڭ ئايلىنىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بايلىقنى بىرىكتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىنىڭ بىرىكمە كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش؛ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ۋاسىتىسى، ئۇسۇلىنىڭ ئومۇمىي گەۋدىلىك ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىش، جازالاش بىلەن تەربىيىلەش، باشقۇرۇش بىلەن مۇلازىمەت، ھازىر بىلەن كېلەچەك، ھادىسىدىن تۈزەش بىلەن ماھىيەتتىن تۈزەشنى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت ئامانلىقى ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇش؛ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىنىڭ تور ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلام كۈچلىرىنى زورايتىش، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنى كۈچەيتىش، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئەبەدىي ئامان بولۇش ئاساسىنى پۇختىلاش؛ مەخسۇس تۈزەش بىلەن ئاممىۋى تۈزەشنى بىرلەشتۈرۈش، ئاممىغا تايىنىش ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلاملاردا ئەمىنلىك قۇرۇلۇشى بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇرۇشنى ۋاسىتە قىلىپ، خەلقنى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىگە پائال ئاتلىنىشقا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە سەپەرۋەر قىلىپ، خەلققە ئەمىنلىك قۇرۇلۇشى بەرپا قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، ھەممە كىشى قاتنىشىش، ھەممە كىشى ئەمىنلىكتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى ھەقىقىي شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

     ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى يۈەنچاۋ تەقدىرلەش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارار ئوقۇپ ئۆتۈلدى ھەم تەقدىرلەنگەنلەر مۇكاپاتلاندى. تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپلارنىڭ ۋەكىللىرى يىغىندا سۆز قىلدى.

باھالاش
كۆرۈلىشى
 قايتىش
قايتىش
ئالدىنقى خەۋەر : ۋاڭ لېچۈەن مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرىدىن بايراملىق سەمىمىي ھال سورىدى
كىيىنكى خەۋەر : تىيەنجىندە پەۋقۇلئاددە زور ئىشلەپچىقىرىش ھادىسسى يۈز بەردى
تەۋسىيە خەۋەرلەر
دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار يولۇچىلار ئايروپىلانى شىنجاڭغا كەلدى
دۇنيادىكى
يېزا – بازار شىپاخانىلىرىغا نىشانلىق، ھەقسىز تەربىيەلەش بويىچە 200 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ
يېزا – بازا
قاغىلىق ناھىيسىى ئانار بايرىمىنى كۈتىۋالدى
قاغىلىق نا
ۋېن جىياباۋ گېرمانىيە زوڭلىسى موكىر بىلەن كۆرۈشتى
ۋېن جىيابا
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
    مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن يوق
بۇ سەھىپىدىكى يېڭى خەۋەرلەر
كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر