ساقلاش | باش بەت قىلىش | ئەزا مەركىزى | يوللاش | RSS
ئورنىڭىز : باش بەت >> خەۋەر >> خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستاننىڭ ئالدىنقى نوۋەتلىك زۇڭتۇڭى ھۇجۇمغا ئۇچراپ قازا قىلدى

ۋاقتى: 2011-09-21 14:04:21  خەۋەر مەنبەسى : نۇر تورى  يوللىغۇچى :koknur

ئافغانىستاننىڭ ئالدىنقى نوۋەتلىك زۇڭتۇڭى ھۇجۇمغا ئۇچراپ قازا قىلدى،ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ئىقتىدارى  گۇمان پەيدا قىلدى.
 

ئافغانىستاننىڭ ئالدىنقى نوۋەتلىك زۇڭتۇڭى ،ئافغانىستان يۇقىرى دەرىجىلىك تىنچلىق كومىتىتىنى رەئىسى بۇرھانىدىن رەبانى

 

                                         رەبانىنىڭ يېقىندا چۇشكەن سۇرىتى

جۇڭگو ئاخبارات تورى 21-چىسلادىكى تىلىگراممىسىدا ئافغانىستاننىڭ ئالدىنقى نوۋەتلىك زۇڭتۇڭى ،ئافغانىستان يۇقىرى دەرىجىلىك تىنچلىق كومىتىتىنى رەئىسى بۇرھانىدىن رەبانىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 20-كۇنى پايتەخت كابۇلدىكى ئويىدە ئوزىنى قوشۇپ پارتلىتىش خارەكتىرلىك ھۇجۇمدا قازا قىلغانلىقى  خەۋەر قىلىنغان.خەلقئارا جەمىيەت بۇنى بەس_بەستە ئەيىپلەپ ئافغانىستان زۇڭتۇڭى كارزائىنىڭ چەتئەلدىكى زىيارىتىنى بالدۇرراق ئاخىرلاشتۇرۇپ دولىتىگە قايتىپ بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۇمىد قىلدى.ئانالىزچىلار بۇ قېتىمقى ھۇجۇم ئااغانىستان ۋە ھوكۇمەتكە قارشى قوراللىق كۇچلەر قانات يايدۇرغان چوڭ بىر قېتىملىق ھۇجۇمى ھىساپلىنىدۇ دېدى.

                     قول ياغلىققا پارتلاچقۇچ بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغان،ئالدىنقى نوۋەتلىك زۇڭتۇڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ كورۇشىۋاتقان چاغدا بومبا پارتلىدى.

ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتى  ئافغانىستان تىرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەمەلدارىنىڭ سوزىنى نەقىل كەلتۇرۇپ شۇ ۋاقىتتا 2نەپەر تالىبان رەبانىغا يەتكۇزىدىغان مۇھىم خەۋەر بار دىگەچكە  رەبانى ئۇلارنى تالىبان تەرەپتىن كەلگەن ئالاھىدە خەۋەر ئېلىپ كەلگەن ئەلچىلەر ئوخشايدۇ دەپ قالغان.شۇ ۋاقىتتا ئىچىدىكى بىرسى   رەبانى بىلەن قۇچاقلىشىپ كورۇشۇۋاتقان ۋاقىتتا بومبا پارتلىغان،خەۋەرلەرگە قارىغاندا بومبا ياغلىقنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇيۇلغان.

بۇ ئەمەلدار ئۇلارغا قارىتا ھېچقانداق بىخەتەرلىك تەكشۇرۇشى ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى دېدى.رەبانىنىڭ 4نەپەر قوغدىغۇچىسى پارتلاشتا قازا قىلدى،رەبانى رەھبەرلىك قىلىدىغان تىنچلىق كومىتىتىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىقىلىك ئەزاسى يارىلاندىدېدى.ئۇ كورسىتىپ رەبانىنىڭ تۇرالغۇسى قاتمۇ قات قورشىلىدىغان ئەلچىخانا رايونىدا ،شۇ رايون ئالدىنقى ھەپتە  تىرورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان دېدى.

چۇشەندۇرۇشكە ئاساسلانغاندا 1996يىلى رەبانى تالىبان تەختتىن چۇشكەندىن كېيىن شىمال ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرىگە ئايلانغان،2001يىلى ئافغانىستان زۇڭتۇڭلىقىغا سايلانغان،بىر ئايدىن كېيىن كارزايى رەھبەرلىك قىلغان ھوكۇمەت  ئورۇن ئالغان.رەبانى شۇنىڭدىن كېيىن رەبانى ئافغانىستان ئوكتىچى پارتىيىلىرىنىڭ رەھبىرىگە ئايلانغان.

بۇلتۇر 10-ئايدا يۇقىرى دەرىجىلىك تىچلىق كومىتىتىنىڭ رەئىسى بولوپ سايلىنىپ ئافغانىستاننىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش ۋە مۇرەسسە خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان.

        خەلقئارا جەمىيەت بەس بەستە ئەيىپلىدى،ئامىركا ئافغانىستانغا قارىتىلغان سىياسىتىنى ئوزگەرتمەيدىغانلىقىنى بىلدۇردى


ئىشتىن كېيىن ئااغانىستان زۇڭتۇڭى كارزايى نىيۇ يوركتىكى بىرلەشكەن دولەتلەر تەشكىلاتى چوڭ يىغىنى سەپىرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاخىرلاشتۇرۇپ دولىتىگە قايتتى.كارزائى بىلدۇرۇپ ئافغانىستان ،ئامىركا ۋە باشقا دولەتلەر بىلەن بىرلىكتە تىچلىق يولىدا چىڭ تۇرۇدىغانلىقىنى،رەبانىغا زىيانكەشلىك قىلىش ئىشىنىڭ تىچلىققا تەلپۇنۇش يولىدىكى ئىرادىسىنى بوشاشتۇرالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تالىبان بىلەن مۇناسىۋىتى  بار دەپ قارالغان پاكىستان ھوكۇمىتىمۇ بۇنى ئەيىپلەپ  رەبانى پاكىستان نىڭ تىچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرغان دوستىمىز دېدى.

20-سىنتەبىر ئوباما بۇ نى ئەيىپلەپ بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنىڭ ئامىركىنىڭ ئافغانىستاندىكى ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئامىركا دولەت مۇداپىئە  مۇداپىئە مىنىستىرى پانىتا سوزلەپ رەبانىنىڭ سۇيتقەسكە ئۇچرىشى بىلەن ئامىركىنىڭ ئافغانىستانغا قارىتلىلغان ئىستىراتىگىيەسى ئوزگەرمەيدۇ دېدى.

پانىتا شۇ كۇنى بەش بۇرجەكلىك بىنادا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقاندا ئوزىنىڭ بۇ ۋەقەگە بەكلا كوڭۇل بولگەنلىكىى،ئەمما يېقىنقى ئافغانىستاندىكى بىر نەچچە قېتملىق پارتلاشتنىڭ ئامىركىنىڭ كۇتمىگەن يېرىدىن چىقمىغانلىقىنى دېدى.پانىتا سوزلەپ ئۇنىڭ ئافغانىستادا تۇرۇشلۇق ئامىركا  قوماندانى   ئاللىن بىلەن سوزلەشكەنلىكىنى،ئاللىننىڭ قارىشىچە ئامىركىنىڭ تالىباننى تازىلاش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرلەشكە ئېرىشىۋاتقانلىقىنى ،بۇ يىل  ياز پەسلىدىكى تالىباننىڭ كەڭ كولەملىك ھۇجۇمى نىڭ ئانچە كوپ بولمىغانلىقىنى،بەلكىم بۇ قېتىملىلىقى  تالىباننىڭ نېمىشقا كەڭ كولەملىك ھۇجۇم قىلمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى ئىكىنلىكىنىسوزلەپ ئامىركا بىلەن ئافغانىستاننىڭ  ھەمكارلىشىپ  ئافغانىستاننىڭ مۇھىم ئەمەلدارلىرى ئۇچۇن مەخپىي قوغدىغۇچى تەمىنلەشنى قولغا كەلتۇرىدىغانلىقىنى دېدى.

پانىتا ئامىركا ئافغانىستاندا بارغانسىرى توغرا يولغا قاراپ ئىلگىرلەۋاتىدۇ،بۇ قېتىمقى ھۇجۇم ئامىركىنىڭ سىياسىتىنى ئوزگەرتەلمەيدۇ دېدى.ئۇ يەنە رەبانى ئافغانىستاننىڭ تىچلىق ئىشلىرىدىكى توھپىسى كورۇنەرلىك ئىكەنلىكىنى،باشقىلار بىلەنمۇ ھەمكارلاشقۇسى بارلىقىنى ئۇمىد قىلدى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا بىللە چىققان ئامىركا ھەربى مەسلىھەتچىلەر كېڭىشىنىڭ رەئىسى مالون يېقىنقى ھۇقۇم تالىباننىڭ ئىستىراتىگىيەنى تەڭشەۋاتقانلىقىنى بىلدۇرىدۇ،ئەمما ئامىركا ئارمىيىسىنىڭ ئىستىراتىگىيە تەڭشىشىنىڭ ھاجىتى يوق دېدى.

ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلارمىنىستىرى  خايگ مۇخبىرلارغا  رەبانىنىڭ سۇيتقەسكە ئۇچرىشى بىلەن ئافغانىستاندىكى تىچلىق مۇساپىسىدىكى تىرىشچانلىق توختىمايدۇ  دېدى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھىدى تەشكىلاتىنىڭ كاتىپى راسمىسون پەردە ئارقىسىدىكى كىشىلەرنىڭ سۇيقەستى ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ دېدى.

                         ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ئىقتىدارى گۇمەن پەيدا قىلدى

ئانالىزچىلار ئافغانىستان يۇقىرى دەرىجىلك تىچلىق كومىتىتى بىلەن تالىباننىڭ تىچلىق سوھبىتى ھېچقانداق ئىلگىرلەشكە ئېرىشەلمىدى.گەرچە بۇ كومىتىت كوپ قېتىم تالىباننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قاتلىمى بىلەن سوھبەتلەشكەن بولسىمۇ تالىبان بۇنىڭغا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى،ئەكسىچە ئاشكارا ھالدا ئافغانىستاندىكى بارلىق چەتئەل قىسمى ئەسكەر چىكىندۇرمىسە ئافغانىستان قىسمى بىلەن سوھبەتلەشمەيدىغانلىقىنى بىلدۇردى.ئانالىزچىلار بۇ قېتىمقى ھۇجۇم تىچلىق سوھبىتىگەبولغان بىر قېتىملىق  زەربە بولدى دېدى.

ئانالىزچىلار يەنە بۇ ئىش ئافغانىستاندىكى ھەر قايسى مەزھەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كۇچەيتىۋېتىشى مۇمكىن ،بۇ تىچلىق سوھبىتىگە پايدىسىز دېدى.

يەنە ئامىركا زۇڭتۇڭى ئوباما ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۇرۇش پىلانىنى تۇزگەندىن بۇيان ئامىركىنى باشلامچى قىلغان بىخەتەرلىكنى ساقلاش ۋەزىپىسى ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ زىممىسىگە چۇشتى،تالىبان مۇشۇنداق ۋاقىتنى تاللاپ يۇقىرى  قاتلامدىكى سىياسى شەخسكە ھۇجۇم قوزغىشى ئافغانىستان بىخەتەرلىك  قىسىملىرىنىڭ سىياسى ئەربابلارنى قوغدىيالايدىغان ئىقتىدارى بامۇ-يوق ؟دىگەن ئويغا سالىدۇ .

ئامىركىنىڭ ئەسكەر چېكىندۇرۇش پىلانىغا ئاساسەن ئامىركا بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن 10مىڭ نەپەر ئەسكەرنى چېكىندۇرىدۇ،كىلەر يىلى يازدىن بۇرۇن جەمى 30مىڭ نەپەر ئەسكەرنى چېكىندۇرۇپ بولىدۇ،2014-يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئامىركا ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندىكى بىخەتەرلىك ۋەزىپىسى پۇتۇنلەي ئوتكۇزۇپ بېرىلىدۇ.

باھالاش
كۆرۈلىشى
 قايتىش
قايتىش
ئالدىنقى خەۋەر : كورېيە بىلەن ئامېرىكا بۇ يىل چاۋشيەنگە قارىتىلغان يېڭى ئۇرۇش پىلانىنى تاماملىماقچى
كىيىنكى خەۋەر : 返回列表
تەۋسىيە خەۋەرلەر
دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار يولۇچىلار ئايروپىلانى شىنجاڭغا كەلدى
دۇنيادىكى
يېزا – بازار شىپاخانىلىرىغا نىشانلىق، ھەقسىز تەربىيەلەش بويىچە 200 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ
يېزا – بازا
قاغىلىق ناھىيسىى ئانار بايرىمىنى كۈتىۋالدى
قاغىلىق نا
ۋېن جىياباۋ گېرمانىيە زوڭلىسى موكىر بىلەن كۆرۈشتى
ۋېن جىيابا
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
    مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن يوق
بۇ سەھىپىدىكى يېڭى خەۋەرلەر
كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر