ساقلاش | باش بەت قىلىش | ئەزا مەركىزى | يوللاش | RSS
ئورنىڭىز : باش بەت >> خەۋەر >> خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيە بىلەن ئامېرىكا بۇ يىل چاۋشيەنگە قارىتىلغان يېڭى ئۇرۇش پىلانىنى تاماملىماقچى

ۋاقتى: 2011-09-21 13:57:31  خەۋەر مەنبەسى : نۇر تورى  يوللىغۇچى :koknur

[كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، سېئۇل، 19-سېنتەبىر تېلېگراممىسى] كورېيە بىلەن ئامېرىكا يىل ئاخىرىغىچە چاۋشيەننىڭ قىسمەن ئىغۋاگەرچىلىكىگە زەربە بېرىدىغان «قىسمەن ئىغۋاگەرچىلىكىگە بىرلىشىپ تاقابىل تۇرۇش ئۇرۇش پىلانى»نى تاماملاش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى.
    كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۈگۈن پارلامېنت دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىغا دۆلەت سىياسىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمەت دوكلاتى ماتېرىيالىدا: كورېيە بىلەن ئامېرىكا كېلىشىم ئىمزالاپ، يىل ئاخىرىغىچە قىسمەن ئىغۋاگەرچىلىككە بىرلىشىپ تاقابىل تۇرۇش ئۇرۇش پىلانىنى تاماملاشنى قارار قىلدى، دېيىلدى. دوكلاتتا ئۇرۇش پىلانىغا قارىتا: كورېيە ئارمىيەسىنىڭ «غەربىي شىمال ئاراللىرى مۇداپىئە پىلانى» (يانۋار)، «بىرلەشمە باش ئىشتاب قائىدىسى ۋە خەتەرلىك پەيتتىكى تەدبىر قائىدىسى» (ئىيۇن)، (بىرلەشمە باش ئىشتابنىڭ سىڭىپ كىرىش ۋە ئىغۋاگەرچىلىككە تاقابىل تۇرۇش پىلانى) (ئىيۇل) قاتارلىق ھۈججەت سىستېمىسىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، دېيىلدى.
   قىسمەن ئىغۋاگەرچىلىك بىرلەشمە ئۇرۇش پىلانى چاۋشيەن ئىغۋاگەرچىلىك سالغاندا، كورېيە ئارمىيەسىنى مۇۋاپىق پەيتتە كۆپەيتىش، ئامېرىكا ياردەمچى قوشۇنىنى ئۈنۈملۈك ئىشقا سېلىپ ئىلگىرىكى كورېيە ئارمىيەسى يەككە ھالدا ئىغۋاگەرچىلىك سېلىشقا تاقابىل تۇرۇش پىلانىنى ئۆزگەرتىشنى كۆرسىتىدۇ.
   دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئوخشاش بولمىغان قوشۇنلارنى ئىنچىكە ئايرىپ دۈشمەننىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇش باسقۇچى ھەم كورېيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئورتاق بېشارەت تىزىملىكىنى تەتقىق قىلىپ بېكىتىش ئارقىلىق دۈشمەننىڭ ئىغۋاگەرچىلىك سېلىش بېشارىتىگە تېخىمۇ ئېنىق ھۆكۈم قىلىنىدۇ. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: كورېيە-ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش ئەترىتى بىرلەشمە مەشىقىنى يولغا قويۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ، دېدى.
      ھەربىي تەرەپ غەربىي ئاراللار بىلەن غەربىي شىمال ئاراللىرى دېڭىز قىرغىقىنىڭ ئىككى كىلومېتىر دائىرىسىنى ئۆلچەم قىلىپ، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش ئەترىتى قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن دېڭىز ئارمىيە 2-پاراخوت ئەترىتى كوماندىرىنىڭ مەسئۇلىيەت ۋە ھوقۇق دائىرىسىنى ئايرىشتىكى ئۇرۇش كۆرسەتكۈچى قىلىشنى ئۆزگەرتىپ، غەربىي ئاراللار ۋە دېڭىز قىرغىقىنىڭ ئالاقىدار ئۇرۇش قىلىش ئىش تۈرلىرىنى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى ئەترىتىنىڭ قوماندانىغا تاپشۇردى.

باھالاش
كۆرۈلىشى
 قايتىش
قايتىش
ئالدىنقى خەۋەر : ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى 20 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئالتۇن سېتىۋالدى
كىيىنكى خەۋەر : 返回列表
تەۋسىيە خەۋەرلەر
دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار يولۇچىلار ئايروپىلانى شىنجاڭغا كەلدى
دۇنيادىكى
يېزا – بازار شىپاخانىلىرىغا نىشانلىق، ھەقسىز تەربىيەلەش بويىچە 200 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ
يېزا – بازا
قاغىلىق ناھىيسىى ئانار بايرىمىنى كۈتىۋالدى
قاغىلىق نا
ۋېن جىياباۋ گېرمانىيە زوڭلىسى موكىر بىلەن كۆرۈشتى
ۋېن جىيابا
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
    مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن يوق
بۇ سەھىپىدىكى يېڭى خەۋەرلەر
كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر