|
[ئەنگلىيە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 19-سېنتەبىر خەۋىرى] ياۋروپادىكى ھەرقايسى بانكىلار 20 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئالتۇن سېتىۋالغۇچى بولۇپ قالدى. بۇ، تاشقى پېرېۋوت ۋە زايوم بازىرىدىكى داۋالغۇشنىڭ ئالتۇن بازىرىدا ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلغانلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى ئالامىتى.
دۇنيا ئالتۇن بازىرىنىڭ كۆلىمى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەركىزىي بانكىلىرىنىڭ سېتىۋېلىش كۆلىمى ئىنتايىن كىچىك بولسىمۇ، بۇنى ئۇلارنىڭ ئىلگىرى ئالتۇننى تۆكمە قىلىپ سېتىش دولقۇنىغا سېلىشتۇرغاندا، بىر قېتىملىق بۇرۇلۇش دېيىشكە بولىدۇ.
مۇشۇ ھەپتە مونترېئالدا ئۆتكۈزۈلگەن ئالتۇن-كۈمۈش بازىرى جەمئىيىتىنىڭ يىللىق يىغىنىدا، مەركىزىي بانكىلارنىڭ ئالتۇن بازىرىدىكى رولى بەس-مۇنازىرىنىڭ مەركىزىي تېمىسى بولۇپ قالدى. بۇ ئالتۇن كەسپىنىڭ كۆلىمى ئەڭ چوڭ يىغىنى ھېسابلىنىدۇ. ھەرقايسى مەركىزىي بانكىلار ھەدەپ تۆكمە قىلىپ سېتىشتىن سېتىۋېلىشقا ئۆتكەچكە، بۇ يىل ئالتۇن باھاسى ٪25 تىن ئارتۇق ئۆرلەپ كەتكەن بولۇپ، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، ھەر ئۇنسىيە ئالتۇننىڭ باھاسى 1920 دوللارغا يەتتى. ياۋروپادىكى ھەرقايسى مەركىزىي بانكىلاردا بۇنداق ئۆزگىرىش بولۇۋاتقاندا، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرىدىكى مەركىزىي بانكىلارمۇ ئالتۇن يىغىۋاتىدۇ.
دوللارنىڭ كۇرسى چۈشۈپ كېتىش خەۋپىنى ئازايتىش ئۈچۈن، مېكسىكا، رۇسىيە، كورېيە ۋە تايلاند بۇ يىل ھەدەپ ئالتۇن سېتىۋالدى. ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى ۋە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل ھازىرغىچە ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەركىزىي بانكىلىرىنىڭ ئالتۇن زاپىسى 25 مىڭ ئۇنسىيە، يەنى 0.8 توننا ئاشقان.
|