ساقلاش | باش بەت قىلىش | ئەزا مەركىزى | يوللاش | RSS
ئورنىڭىز : باش بەت >> خەۋەر >> خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما 10 يىلدا مالىيە قىزىل رەقىمىنى 3 تىرىليون دوللار ئازايتماقچى

ۋاقتى: 2011-09-21 13:56:06  خەۋەر مەنبەسى : نۇر تورى  يوللىغۇچى :koknur

[رېيتېر ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 18-سېنتەبىر خەۋىرى] زۇڭتۇڭ ئوباما 19-سېنتەبىر مالىيە قىزىل رەقىمىنى ئازايتىشقا دائىر پىلان ئېلان قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىلدا مالىيە قىزىل رەقىمىنى 3 تىرىليون دوللار ئازايتىشنى مۇراجىئەت قىلىدۇ. بۇ 3 تىرىليون دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغنىڭ تەخمىنەن يېرىمى بايلار ۋە چوڭ كارخانىلاردىن ئېلىنىدىغان يۇقىرى باجدىن كىرىدۇ.
    زۇڭتۇڭ ئوباما بۇ پىلان لايىھەسىنى پارلامېنتتىكى بىر «دەرىجىدىن تاشقىرى كومىتېت»نىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنىدۇ.
  ئوبامانىڭ پىلانىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى تۆۋەندىكىچە:
  باجنى كۆپەيتىش: ئوبامانىڭ پىلانىنى كۆرۈپ چىققان ئىككى ئەمەلدار: بۇ پىلان بويىچە، ئامېرىكىنىڭ باجغا ئائىت قانۇن-بەلگىلىمىلىرىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، 1 تىرىليون 500 مىليارد دوللار جۇغلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى 800 مىليارد دوللار كىچىك بۇشنىڭ بايلاردىن ئېلىنىدىغان باجنى كېمەيتىش تەدبىرىنى توختىتىش ئارقىلىق جۇغلىنىدۇ. قالغان 700 مىليارد دوللار باجدا ئېتىبار بېرىلىدىغان ئالاھىدە ئىمتىيازلارنى بىكار قىلىش ئارقىلىق جۇغلىنىدۇ، دېدى.
    پېنسىيە ۋە پاراۋانلىق: ئوباما ئوتتۇرا بۇرژۇئازلارغا بېرىلىدىغان قوشۇمچە ياردەم پۇلىنى كەڭ كۆلەمدە ئازايتىش پىلانىدىن ساقلانماقچى. مەسىلەن: پېنسىيەگە چىققانلارنى ئىجتىمائىي جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈش پىلانى ۋە ياشانغانلارغا يۈزلەنگەن داۋالىنىش كاپالىتى پىلانى قاتارلىقلار.
   ئۇنىڭ پىلانى داۋالىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش پىلانىدىن 248 مىليارد دوللارنى تېجەپ قېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قىزىل رەقەمنى ئازايتىشقا دائىر نۇرغۇن نىشان داۋالاش ئورۇنلىرىغا بېرىلىدىغان چىقىمنى ئازايتىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. ئوباما يەنە باشقا قوشۇمچە ياردەم پۇل بېرىش تۈرلىرىدىن تەخمىنەن 330 مىليارد دوللار تېجەشنى تەكلىپ قىلماقچى.
    ئۇرۇشنى تەدرىجىي بېسىقتۇرۇش: بۇ پىلان بويىچە، ئىراق ئۇرۇشىنى تەدرىجىي بېسىقتۇرۇش ۋە ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئەسكەرلەرنى ئازايتىش ئارقىلىق، 1 تىرىليون 100 مىليارد دوللارنى تېجەپ قالماقچى. تەنقىدچىلەر: بۇ تەدبىردە «ئويۇن» بار، دەپ قارىشى مۇمكىن، چۈنكى بۇ يېڭى سىياسەتكە ۋەكىللىك قىلمايدىغان بولۇپ، ئامېرىكا سىرتقا ئېلان قىلىپ بولغان ئەسكەر چېكىندۈرۈش پىلانىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
   بانكا ئۆسۈمىنى ئازايتىش: بۇ پىلاندا: خامچوت ئازايتىلسا، بانكا بېرىدىغان ئۆسۈممۇ ئازىيىدۇ. شۇڭا 430 مىليارد دوللار تېجەپ قېلىنىدۇ، دەپ قارالغان.
    [ئامېرىكا «لوس-ئانژېلىس ۋاقىت گېزىتى» تور پونكىتىنىڭ 18-سېنتەبىر خەۋىرى] ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان خامچوت قىزىل رەقىمىنى ئازايتىش ئۈچۈن، زۇڭتۇڭ ئوباما يىللىق كىرىمى 1 مىليون دوللاردىن ئاشىدىغان ئامېرىكىلىقلاردىن ئېلىنىدىغان باجنى ھېچ بولمىغاندا ئوتتۇرا بۇرژۇئازلاردىن ئېلىنىدىغان باج بىلەن تەڭلەشتۈرۈشنى تەكلىپ قىلىدىكەن.
     ئوباما بۇ پىلانغا مەبلەغ سالغۇچى ۋاللېن بۇففېتنىڭ نامى بىلەن «بۇففېت قائىدىسى» دەپ نام بەردى. ئوبامانىڭ قوللىغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇففېت يېقىندا باج سىستېمىسىدا ئادالەتسىزلىك بارلىقىنى كۆرسەتكەن، ئۇ ئۆزى تاپشۇرىدىغان باجنىڭ كاتىپىنىڭكىدىنمۇ تۆۋەن ئىكەنلىكىدىن كۆپ قېتىم ئاغرىنغان.
     ئوباما 19-سېنتەبىر پارلامېنتقا تاپشۇرماقچى بولغان بۇ تەكلىپ جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىشى ھەم 2012-يىلىدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
    ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى يىللىق كىرىمى 1 مىليون دوللاردىن ئاشىدىغان بايلاردىن ئېلىنىدىغان ئەڭ تۆۋەن باج نىسبىتىنى ئېلان قىلمىدى، ئوتتۇرا بۇرژۇئازلارنىڭ كىرىمىنى قانداق بېكىتىشنى ئېنىق كۆرسەتمىدى، شۇنداقلا بۇ پىلاننىڭ ھۆكۈمەتكە قانچىلىك مالىيە كىرىمى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا چۈشەنچە بەرمىدى.
    [فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 18-سېنتەبىر خەۋىرى] جۇمھۇرىيەتچىلەر بۈگۈن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا قويغان «بۇففېت قائىدىسى» دەپ ئاتالغان بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىپ، ھۆكۈمەتنى «سىنىپىي كۈرەش»قوزغىماقچى بولۇۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىدى.

باھالاش
كۆرۈلىشى
 قايتىش
قايتىش
ئالدىنقى خەۋەر : دۇنيادا ھەر يىلى 4 مىليون قىز بوۋاق ئۆلۈپ كېتىدىكەن
كىيىنكى خەۋەر : 返回列表
تەۋسىيە خەۋەرلەر
دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار يولۇچىلار ئايروپىلانى شىنجاڭغا كەلدى
دۇنيادىكى
يېزا – بازار شىپاخانىلىرىغا نىشانلىق، ھەقسىز تەربىيەلەش بويىچە 200 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ
يېزا – بازا
قاغىلىق ناھىيسىى ئانار بايرىمىنى كۈتىۋالدى
قاغىلىق نا
ۋېن جىياباۋ گېرمانىيە زوڭلىسى موكىر بىلەن كۆرۈشتى
ۋېن جىيابا
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
    مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن يوق
بۇ سەھىپىدىكى يېڭى خەۋەرلەر
كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر