دۇنيادا ھەر يىلى 4 مىليون قىز بوۋاق ئۆلۈپ كېتىدىكەن |
| ۋاقتى: 2011-09-20 15:00:05 خەۋەر مەنبەسى : نۇر تورى يوللىغۇچى :koknur |
ئېففىي ئاگېنتلىقىنىڭ ۋاشىنگتون 19سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە دۇنيا بانكىسى ئېلان قىلغان <2012-يىللىق دۇنيا تەرەققىيات دوكلاتى:جىنس باراۋەرلىكى ۋە تەرەققىيات> دا كۆرسىتىلىشىچە بالىلار ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن ئوغۇللارنى ئەزىزلەپ قىزلارنى پەس كۆرۈش قارىشىنىڭ دۇنيادا ھەر يىلى 4مىليون قىز بوۋاقنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بۇ دوكلاتتا يەنە كۆرسىتىلىپ بۇلارنىڭ 25تىن 2قىسمىغا يېقىنى ئالدۇرۇۋېتىلگەن قىز بوۋاقلار،بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئوغۇللارنىلا خالىغانلىقىدىن ئىكەن.بۇنىڭدىن باشقا يەنە 6دىن 1قىسىم قىز بوۋاق بالا ۋاقتىدىلا ئۆلىدىكەن،3دىن 1قىسمىدىن كۆپرەكى تۇغۇت ۋاقتىدا ئۆلىدىكەن . دوكلاتنىڭ قارىشىچە بۇ خىل ئەھۋال ئەيدىز كېسىلىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ چوڭ ئۇچراۋاتقان سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقىدا ئەڭ ئېغىر ئىكەن. دۇنيا بانكىسىنىڭ تەتقىقات دوكلاتى يەنە بىر قىسىم ئاكتىپ ئۇچۇرلارنى بەرگەن ،يەنى يېقىنقى 20يىلدىن بۇيان جىنس پەرقى بارغانسېرى ئازلىغان،ئۆتمۈشتە بىر قىسىم دۆلەتلەردە ساقلانغان قىز -ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ مائارىپ تەربىيىسى قوبۇل قىلىشتىكى تەڭسىزلىك ئاللىقاچان كىچىكلىگەن.بولۇپمۇ لاتىن ئامېرىكىسى ،كارپ رايونى ۋە شەرقى ئاسىيادىكى ئوتتۇراھال تەربىيىنى قوبۇل قىلغان قىزلارنىڭ سانى ئوغۇللارنىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەن. كۆزلەنگەن ئۆمرى جەھەتتە بىر قىسىم ئىلگىرىلەشلەر مەۋجۇت،تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى ئاللىقاچان ئەرلەرنىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەن ھەمدە 1960يىلدىكىدىن 20ياش ئۇزارغان. دوكلاتنى يازغۇچى ئەننا لېۋىنگا كەلگۈسىدە ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى كىرىم پەرقى كىچىكلەيدۇ،بۇ ئاياللارنىڭ ۋەزىيەت ئىشلىرىغا تېخىمۇ كوپ قاتنىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ دېدى. ئۇ يەنە پۈتۈن دۇنيادا ئاياللارنىڭ كىرىمى ئەرلەرنىڭكىدىن ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن.بۇنىڭدىن باشقا ھەر قايسى دۆلەتتىكى ئايال پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانى 20پىرسەنتكە يەتمەيدۇ دېدى. دۇنيا بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن بانكا باشلىقى ئىقتىسادشۇناس لىن يى فۇ كۆرسىتىپ جىنسنىڭ باراۋەرلىكى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئامىل دېدى. دۇنيا بانكىسى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا ئايال دېھقانلارنى باراۋەر ھالدا ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرىغا ئېرىشتۈرۈش تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلات مىقدارىنى 2.5پىرسەنتتىن 4پىرسەنتكە كۆتۈرىدۇ دېدى. دۇنيا بانكىسى نامزاتلارنى يۆلەش تۈرىگە مەسئۇل مۇئاۋىن بانكا باشلىقى ئوكتاۋىئو كانۇتو كۆرسىتىپ يېڭى دوكلات ئۆتمۈشتىكى ئەر-ئاياللار باراۋەرسىزلىكنىڭ ئىقتىسادقا زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى دېدى. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ۋاشىنگتون 18سېنتەبىر تېلېگراممىسىدا دۇنيا بانكىسى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئاياللارنىڭ مائارىپتا زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەنلىكىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ ،ئەمما پۇرسەت جەھەتتە يەنىلا ئەرلەردىن خېلىلا تۆۋەن تۇرىدۇ،بۇ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ دېيىلدى. دۇنيا بانكىسى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى تىرىشىپ بۇ خىل پەرقنى كىچىكلىتىشكە چاقىرىپ جىنس باراۋەرلىكىنىڭ بىرخىل مۇھىم ھوقۇق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. دوكلاتتا يەنە قىز جىنسلارغا تېخىمۇ ياخشى پۇرسەت ۋە بېرىش دۆلەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ،بالىلارنىڭ چىقىش يولىنى ياخشىلاپ ئورگانلارنى تېخىمۇ ۋەكىللىككە ئىگە قىلىپ بارلىق كىشىلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى ئۆستۈرىدۇ دېدى. دوكلاتقا ئاساسلانغاندا ئوغۇل -قىزلارنىڭ ئاساسى مائارىپتىكى تەڭسىزلىكى ئوتكەن 25يىلدا ئاساسى جەھەتتىن تۈگىگەن،باشلانغۇچ مائارىپتىكى پەرقىمۇ تېزلىكتە كىچىكلەۋاتىدۇ. دوكلاتتا يەنە نۇرغۇنلىغان يەرلەردە قىزلار بىلەن ئاياللار كەمسىتىلىشكە ئۇچراۋاتىدۇ،ئىقتىسادى،ئىجتىمائىي ساغلاملىق تەرەپلەردە 2-دەرىجىلىك پۇقرا بولۇپ قېلىۋاتىدۇ دېيىلدى.
|
|
|
| بۇ سەھىپىدىكى يېڭى خەۋەرلەر |
|