ساقلاش | باش بەت قىلىش | ئەزا مەركىزى | يوللاش | RSS
ئورنىڭىز : باش بەت >> خەۋەر >> خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرققە قاراتقان دىپلوماتىيە ۋاسىتىسى ئۈنۈمىنى يوقاتتى

ۋاقتى: 2011-09-20 13:48:31  خەۋەر مەنبەسى : نۇر تورى  يوللىغۇچى :koknur

[ئامېرىكا «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى»نىڭ 18-سېنتەبىر خەۋىرى] ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇشى تەس بولۇۋاتىدۇ. زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ بۇ رايوندىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى ئىتتىپاقدىشى  چىقىشالمايۋاتقان بولۇپ، گوۋۇيۈەننىڭ تۈركىيە بىلەن ئسرائىلىيەنى «ئۆزىنى بېسىۋېلىش»قا بۇيرۇشى مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ. 
     تۈركىيەنىڭ ش ئا ئە ت بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ئافغانىستاندا ئەسكەر تۇرغۇزۇشى؛ تۈركىيەنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىي قىسمى بىلەن بولغان قويۇق ئىقتىسادىي ئالاقىسى؛ ئۇنىڭ تېررورلۇق جەھەتتىكى ھەمكارلىقى؛ شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ ش ئا ئە ت نىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىدىكى يېقىنقى رولىدىنلا ئۇنىڭ ۋاشىنگتون ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئامېرىكا-تۈركىيە ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ  چوڭقۇرلۇق دەرىجىسى ئىسرائىلىيە-تۈركىيە مۇناسىۋىتى كىرىزىسىگە ئوخشاشلا ئامېرىكىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
   تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوغان تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدىكى قارشىلىشىشنى ئىسرائىلىيەنىڭ مەزكۇر رايوندىكى ئورنىغا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قىلىشقا كېڭەيتتى. ئۇ يېقىندا: تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تۈركىيە غەززەگە ياردەم قىلغان ماددىي ئەشيالارنى ئېلىپ ماڭغان پاراخوتلارنى قوغداپ ماڭىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنداق ۋەزىيەت بىر مەيدان كىرىزىس بولۇپ، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى سىياسىي كەيپىياتنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئەردوغان بىلەن ئوبامانىڭ بىر-بىرىگە يول قويۇشى بارغانسېرى تەسلىشىشى مۇمكىن.
   [فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ئىستانبۇل، 17-سېنتەبىر خەۋىرى] تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى داۋۇد ئوغلۇ بۈگۈن: تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ ئارىغا كىرىپ، تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدىكى كىرىزىسنى ھەل قىلىشىغا موھتاج ئەمەس. ھازىرقى ۋەزىيەتتە ياراشتۇرۇشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق. تۈركىيەنىڭ تەلىپى ناھايىتى ئېنىق، دېدى.
     ئىسرائىلىيەنىڭ تۈركىيەدىكى باش ئەلچىسى قوغلاندى، ئىسرائىلىيەنىڭ قاھىرەدىكى باش ئەلچىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى، ئىسرائىلىيەنىڭ ئومماندىكى باش ئەلچىخانىسى سىرتىدا ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرى ئۈزۈلمەيۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ھەر خىل كىرىزىسلەر تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى ھەم ئوباما ھۆكۈمىتىنى ئىسرائىلىيەگە قاراتقان بەزى سىياسەتلىرىگە قايتىدىن باھا بېرىشكە مەجبۇر قىلدى.
    خەلقئارا كىرىزىس تەتقىقات تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئالىي تەھلىلچىسى روبېرت مارلېي: ئامېرىكا ئىلگىرى ئوتتۇرا شەرقتە بىر تۇتاش قوللانغان تۈرلۈك ۋاسىتىلەر ئەمدى ئەينى يىللاردىكىدەك ئۈنۈم بەرمەيدىغان بولۇپ قالدى، دېدى.
    دۆلەت كاتىپى ھىلارى يېقىندا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: دۆلىتىمىزدىكى خامچوت كىرىزىسى ھەم جۇمھۇرىيەتچىلەر پارلامېنتتا چەت ئەللەرگە، بولۇپمۇ ئىسرائىلىيەنى دۈشمەن، دەپ قارايدىغان پەلەستىن قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىلىدىغان ياردەمنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلغاچقا، زۇڭتۇڭ ئوباما دۆلەت ئىچىدە نۇرغۇن توسالغۇغا ئۇچراۋاتىدۇ، دەپ ئېتىراپ قىلدى.
   ئوباما ھۆكۈمىتى تۈرلۈك تەنقىدلەرگە ئۇچراۋاتىدۇ. بەزىلەر: ئوباما ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيەنى قوللاش مەسىلىسىدە تولۇق كۈچىمىدى، دەپ تەنقىد قىلسا؛ يەنە بەزىلەر: ئوباما بۇ مەسىلىدە ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتتى، دەپ تەنقىد قىلدى. يەنە بەزىلەر: ئامېرىكا بەزى ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى قوزغىلاڭلارنى قوللىغان بولسىمۇ، بەھرەيىندىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىگە سۈكۈت قىلدى، دەپ تەنقىد قىلدى. بۇ، مەزكۇر رايوننىڭ قالايمىقانلىشىپ كەتكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋەزىيەتكە ئەگىشىش ھەلەكچىلىكىدە بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
   دىپلوماتىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى روبېرت دانىن: ھازىرقى ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەش ناھايىتى تەس. ئۇلار(ئامېرىكىنى دېمەكچى) باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرماستىن، ئەكسىچە پاسسىپ ئىنكاس قايتۇرۇۋاتىدۇ. ۋەزىيەت تەرەققىياتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، دېدى.

باھالاش
كۆرۈلىشى
 قايتىش
قايتىش
ئالدىنقى خەۋەر : شۋېتسارىيە بانكىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ سودىنىڭ زىيىنى 10مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن
كىيىنكى خەۋەر : 返回列表
تەۋسىيە خەۋەرلەر
دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار يولۇچىلار ئايروپىلانى شىنجاڭغا كەلدى
دۇنيادىكى
يېزا – بازار شىپاخانىلىرىغا نىشانلىق، ھەقسىز تەربىيەلەش بويىچە 200 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ
يېزا – بازا
قاغىلىق ناھىيسىى ئانار بايرىمىنى كۈتىۋالدى
قاغىلىق نا
ۋېن جىياباۋ گېرمانىيە زوڭلىسى موكىر بىلەن كۆرۈشتى
ۋېن جىيابا
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
    مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن يوق
بۇ سەھىپىدىكى يېڭى خەۋەرلەر
كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر