ساقلاش | باش بەت قىلىش | ئەزا مەركىزى | يوللاش | RSS
ئورنىڭىز : باش بەت >> خەۋەر >> خەلقئارا خەۋەرلەر

شۋېتسارىيە بانكىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ سودىنىڭ زىيىنى 10مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن

ۋاقتى: 2011-09-20 13:47:34  خەۋەر مەنبەسى : نۇر تورى  يوللىغۇچى :koknur

شىىۋىتسارىيە بانكىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ سودىنىڭ زىيىنى 10مىليارت ئامىركا دوللىرىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن،باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئىستىپا بېرىشنى رەت قىلدى.

 




ئۇستىدىكى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كولومبىر 
ئاستىدىكى بولسا سودا ئەنزىسىگە چېتىشلىق ئەر  ئادوپول

 

18-سېنتەبىردىكى ئەنگلىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا شۋېتسارىيە بانكا گۇرۇھى بەلگىلىمىگە خىلاپ سودا كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى تەكشۈرۈشتىن ئىلگىرى بۇ ئەنزىگە چېتىشلىق ئادوپول بېجىرگەن سودا سوممىسى 10مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولغان.بۇ سان بىر قىسىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى  بۇ  قېتىمقى سودىنىڭ زىيىنى بۇنىڭدىنمۇ كوپ بولۇشى مۇمكىن دېگەن قىياسقا كەلتۈردى.
شۋېتسارىيە بانكىسى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان باياناتتا بۇ بەلگىلىمىگە خىلاپ سودا ئۇچ ئاي داۋاملىشىدۇ،زىيىنى 2مىليارد 300مىليون بولىدۇ دېگەن.گەرچە سىرتتىكىلەرنىڭ ئەيىبلەشلىرىگە ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ شۋېتسارىيە  بانكىسى  باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كولومبىر  18-سېنتەبىر ئۆزىنىڭ ئىستېپا بېرىش خىيالىنىڭ يوقلۇقىنى  بىلدۈردى.

                                              ئون مىلياردلىق سودىغا قول تىقىش
ئەنگلىيە< مېنىڭ مالىيە ۋە ئىقتىسادىم>تور بېكىتىدە  18-سېنتەبىر خەۋەر قىلىپ شۋېتسارىيە بانكىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ سودا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئىچكى قىسىم تەكشۈرۈپ  بۇ سودىنىڭ ئىسمى  <مىس پىلانى>ئىكەنلىكىنى،تەكشۈرۈش خادىملىرى بىر تەكشۈرۈپلا بۇنىڭ  ئادوپولغا چېتىشلىق سودا ئىكەنلىكىنى جىنايىتى ئاشكارىلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىدا ئۇ بېجىرگەن  سودىنىڭ 10مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.
بۇ تور بېكىتىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە ئادوپولنىڭ سودا ھەرىكىتىنى  نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بانكا خادىمى  جون خۇگىس ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن خىزمەتتىن ئايرىلغان،ئادوپول سودا ئەنزىسىگە ئالاقىدار سودا ئەترىتىدىكىلەرنىڭ خىزمىتى توختىلىپ ئۆيىگە قايتقان.
                                باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئۆزىدە جىنايەت  تۇيغۇسىنىڭ بولمىغانلىقىنى ئېيتتى
شۋېتسارىيە بانكىسىنىڭ 18-سېنتەبىردىكى  باياناتىدا بۇ سودا زىيىنىنىڭ 2مىليارد 300مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەنلىكىنى،بۇ سودا ئېلىپ كېلىدىغان خەتەرنى كونترول قىلغانلىقىنى ،شۋېتسارىيە بانكىسى ئاكسىيە سودىسىنىڭ نورمال يۈرۈشىدىغانلىقى دېيىلدى.
بەلگىلىمىگە خىلاپ  سودىنىڭ ئاشكارىلىنىشى تاشقى ساھەدىكىلەرنىڭ  شۋېتسارىيە بانكىسى ئىچىدىكى خېيىم- خەتەرنى كونترول قىلىش سىستېمىسى توغرىسىدا گۇمان پەيدا قىلدى،كولومبىر  ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تەنقىد قىلىش  ئوبيېكتىغا ئايلاندى.شۋېتسارىيە بانكىسى  كېڭىشىنىڭ پەخرىي رەئىسى نىگۇلاس سىن 16سېنتەبىر كولومبىر  ئىستېپا بېرىشى مۇمكىن دېگەن.
ئەمما ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئۆزىنىڭ بۇ سودىدا جىنايەت  تۇيغۇسىنىڭ  يوقلۇقىنى ئىستېپا بېرىش خىيالىنىڭ يوقلۇقىنى،ئۆزىنىڭ بانكا كېڭىشىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغانلىقىنى بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باھالاش
كۆرۈلىشى
 قايتىش
قايتىش
ئالدىنقى خەۋەر : ھىندىستاندىكى 1100نەپەر مەھبۇس يەر تەۋرەش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ تۇرمىدىن قاچماقچى بولدى
كىيىنكى خەۋەر : 返回列表
تەۋسىيە خەۋەرلەر
دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار يولۇچىلار ئايروپىلانى شىنجاڭغا كەلدى
دۇنيادىكى
يېزا – بازار شىپاخانىلىرىغا نىشانلىق، ھەقسىز تەربىيەلەش بويىچە 200 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ
يېزا – بازا
قاغىلىق ناھىيسىى ئانار بايرىمىنى كۈتىۋالدى
قاغىلىق نا
ۋېن جىياباۋ گېرمانىيە زوڭلىسى موكىر بىلەن كۆرۈشتى
ۋېن جىيابا
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
    مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن يوق
بۇ سەھىپىدىكى يېڭى خەۋەرلەر
كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر