|
ھىندىستاندىكى 1100نەپەر مەھبۇس يەر تەۋرەش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ تۈرمىدىن قاچماقچى بولدى،ئەمما غەلىبە قىلالمىدى.
ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ19سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ھىندىستان غەربى بېنگال شتاتى جەلپەيگۇرى شەھەرلىك تۈرمىسىدىكى قاماقلىق 1100دىن ئارتۇق مەھبۇس يەر تەۋرەشتىن پايدىلىنىپ قاچماقچى بولغان،ئەمما مەقسىتىگە يىتەلمىگەن.
18سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى سىككىم شتاتىدا 6.8بال يەر تەۋرەپ 18ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى نۇرغۇن مال-مۈلۈكنىڭ زىيان بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان،جەلپەيگۇرى تۇرمىسىمۇ يەر تەۋرەشتە زىيانغا ئۇچراپ بىر قىسىم تاماقخانىلارنىڭ دېرىزىلىرى بۇزۇلۇپ كەتكەن.
تۈرمە باشقۇرغۇچى 1100گە يېقىن مەھبۇس قاماقخانىنىڭ ئىشىكىنى بۇزۇپ قاماقخانىلاردىن قېچىپ چىققان،ئەمما تۈرمە ساقچىلىرى ۋە باشقا ساقچىلار تېزلىكتە يېتىپ كېلىپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلغان،تۈرمە باشقۇرغۇچىلار يەنە كۆزىتىش چىرىغىنى ياندۇرۇپ مەھبۇسلارنىڭ تۈرمىدىن قېچىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.
بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ 1000كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يېڭى دېھلى ۋە قوشنا دۆلەت نېپال ۋە جۇڭگودىمۇ يەر تەۋرەش ئالامىتى كۆرۈلگەن.
|