|

ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياھۇ، ئامرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئەيمىلى كىلىنتون ۋە پەلەستىن مىللىي ھوقوقلۇق ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئابباس قاتارلىقلار پەلەستىن-ئىسرائىلىيە بىۋاستە سۆھبىتىنى باشلاش مۇراسىمىدا


ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياھۇ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە بىۋاستە سۆھبىتىنى باشلاش مۇراسىمىدا سۆز قىلماقتا

ئامرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتوندىكى ئامرىكا دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسىدا ، شۇ يەر ۋاقتى 2-سىنتەبىر ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياھۇ، ئامرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئەيمىلى كىلىنتون ۋە پەلەستىن مىللى ھوقوقلۇق ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئابباس قاتارلىقلار پەلەستىن-ئىسرائىلىيە بىۋاستە سۆھبىتىنى باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى. شۇ كۈنى ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياھۇ ۋە پەلەستىن مىللى ھوقوقلۇق ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئابباس پايتەخىت ۋاشىنگىتوندا توختىتىلغىنىغا 20ئاي بولغان بىۋاستە سۆھبەتنى باشلىدى. بۇ قېتىمقى بىۋاستە سۆھبەتكە رىياسەتچىلىك قىلغان ئەيمىلى كىلىنتون مۇنداق دېدى:« نۇرغۇن يىللىق توقۇنۇش ۋە ئۈزلۈكسىز مەغلۇبىيەت سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر پەلەستىن-ئىسرائىلىيە سۆھبىتىگە گۇمان بىلەن قارايدىغان بولۇپ قالدى. ئامرىكا تەرەپ بۇنىڭغا چۈشەندۈرۈش بېرىدۇ». ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سۆھبەتنىڭ غەلبىلىك بولۇشى سەۋىرگە، قوللاشقا ۋە رەھبەرلىك قابىلىيىتىگە باغلىق.
|