ساقلاش | باش بەت قىلىش | ئەزا مەركىزى | يوللاش | RSS
ئورنىڭىز : باش بەت >> خەۋەر >> خەلقئارا خەۋەرلەر

روسىيە تەرەپ ئوچۇق-ئاشكارە ھالدا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ مائاشىنى ئېلان قىلدى

ۋاقتى: 2010-09-03 21:15:30  خەۋەر مەنبەسى : ئۇيغۇر تور بىكەتلىرى  يوللىغۇچى :tanha

روسىيە تەرەپ ئۇچۇق-ئاشكارە ھالدا بىخەتەرلىك

ئىدارىسى(FSB)خادىملىرنىڭ مائاشىنى ئېلان قىلدى، فىدىراتسىيە

خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنىڭ مائاشى زۇڭتۇڭنىڭ مائاشىدىن ئېشىپ

كەتتى

 


 

جۇڭگو ئىقتىساد تورىنىڭ 2-سىنتەبىر بېيجدىن بەرگەن خەۋىرى.
   روسىيەنىڭ ئەڭ مەخپى ئىدارىسى -فىدىراتسىيە بىخەتەرلىك

ئىدارىسى(FSB) يېقىندا كىرىمېل سارىيىدا ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىنى ئاشكارىلاش

پىلانىغا قاتناشتى. بۇ پىلان كىشىلەرنى روسىيەنىڭ  ئالاھىدە خادىملىرىنىڭ زادى

قانچىلىك مائاش ئالىدىغانلىقىنى بىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
رېوتىرىس ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچ: جامائەت پىكرىنىڭ كۈچلۈك بېسىمى

ئارقىسىدا روسىيە ھۆكۈمىتى بۈگۈن فىدىراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ

مائاشىنى تورغا ئېلان قىلدى.
    ئۇزۇندىن بويان روسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى ئىزچىل ئاممىنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ

سىرلىق تارماق بولۇپ كەلگەن. بىر قىسىم كىشىلەر بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ مەخپى

ھەرىكەت ئۇسۇلى بۇ ئىدارىنى چىرىكلىشىش ئەڭ ئېغىر ھۆكۈمەت تارمىقىغا ئايلاندۇرۇپ

قويدى دەپ ئەيىبلىمەتكە.
     يېقىندا ئېلان قىلىنغان ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە: روسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ مائاش-تەمىناتى ھەقىقەتەن بەك يۇقىرى بولۇپ،ھەتتا كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغىنىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدىكەن. سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى  (KGB) نىڭ ۋارىسى بولغان روسىيە فىدىراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئالېكساندىر بورتنىكوۋنىڭ ئۆتكەن يىللى ئالغان مائاشى 4مىلىيۇن 700مىڭ روبىل (يەنى 152مىڭ 200ئامرىكا دوللىرى) بولۇپ، روسىيەنىڭ زۇڭتۇڭى مىدۋىدىف ۋە زۇڭلى پۇتىننىڭ يىللىق مائاشىدىن %20 پىرسەنت ئېشىپ كەتكەن.
    رېوتىرىس ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ خادىملىرىنىڭ كىرىمىنىڭ بۇنداق يۇقىرى بولۇشى زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى بىخەتەرلىك ئىدارىسىدىن كېلىپ چىققانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ گىرمانىيىدە تۇرۇشلۇق جاسۇسى پۇتىن بىخەتەرلىك تەشكىلاتىنىڭ خادىملىرىغا ئالاھىدە كۆيىنىدىكەن.
     ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە: روسىيە  زۇڭتۇڭى مىدۋىدىفنىڭ 2009-يىلدىكى يىللىق مائاشى 3مىلىيۇن340مىڭ روبىل(يەنى 108مىڭ 200ئامرىكا دوللىرى)، زۇڭلى پۇتىننىڭ يىللىق مائاشى 3مىلىيۇن 890مىڭ روبىل(يەنى 126مىڭ ئامرىكا دوللىرى) ئىكەن.

باھالاش
كۆرۈلىشى
 قايتىش
قايتىش
ئالدىنقى خەۋەر : پاكىستاندىكى دىنىي يىغىلىش بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
كىيىنكى خەۋەر : يېڭى زېلاندىيە جەنۇبىي ئارالىدا 7.4 بال يەر تەۋرىدى
تەۋسىيە خەۋەرلەر
دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار يولۇچىلار ئايروپىلانى شىنجاڭغا كەلدى
دۇنيادىكى
يېزا – بازار شىپاخانىلىرىغا نىشانلىق، ھەقسىز تەربىيەلەش بويىچە 200 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ
يېزا – بازا
قاغىلىق ناھىيسىى ئانار بايرىمىنى كۈتىۋالدى
قاغىلىق نا
ۋېن جىياباۋ گېرمانىيە زوڭلىسى موكىر بىلەن كۆرۈشتى
ۋېن جىيابا
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
    مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن يوق
بۇ سەھىپىدىكى يېڭى خەۋەرلەر
كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر