|
شۇ يەر ۋاقتى 2- سىنتەبىر كۈنى چۈش بولاي دىگەندە، يەردىن كۆتۈرۈلگىنىگە تېخى 30سېكونت بولغان Twin-engine Beech-خانىش 65 ناملىق كىچىك تىپتىكى ئايروپىلان ئامرىكىنىڭ كالفورنىيە شىتاتىدىكى سان-فىرنسېسكو قولتۇقىدىكى بىر سۈنئىي كۆلگە چۈشۈپ كەتكەن.


شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 2-سىنتەبىر سان-فىرانسېسكودىن يوللىغن تېلگىراممىسى(مۇخبىر :لىيۇدەن )
يەردىن كۆتۈرۈلگىنىگە تېخى 30سېكونت بولغانTwin-engine Beech-خانىش 65 ناملىق كىچىك تىپتىكى ئايروپىلان ئامرىكىنىڭ كالفورنىيە شىتاتىدىكى سان-فىرانسېسكو قولتۇقىدا بىر سۈنئىي كۆلگە چۈشۈپ كېتىپ ئۈچ ئادەم قازا قىلغان. مۇخبىرنىڭ نەق مەيداندىن ئىگلىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 2-سىنتەبىر سائەت 11دىن 53 مىنۇت ئۆتكەندە بۇ ئايروپىلان سان كارلوس ئايرىدىرومىدىن ئۇچۇپ تەخمىنەن 30سېكونتىن كېيىن، ئايرىدىرومىنىڭ يېنىدىكى شىمالى قوش دولپىن كىچىك يولىدىكى بىر سۈنئىي كۆلگە چۈشۈپ كەتكەن.
مۇخبىر نەق مەيداندا كۆل يۈزىدە لەيلەپ تۇرغان ئۈچ ئايروپىلان ئۇرۇندۇقىنى، كۆلدىكى ئايروپىلاننى كۆردى. ئىككى قۇتقۇزۇش پاراخۇتى ۋە ئون نەچچە قۇتقۇزۇش خادىمى قازاغا ئۇچرىغانلارنى ئىزدەۋاتاتتى. رەدۋۇت شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پۇسسى قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ئايروپىلاننىڭ پارچىلىرى يېنىدىن 40 ياشلار چاممىسىدىكى بىر ئايالنىڭ جەسسىدىنى تارتىپ چىقارغانلىقىنى ئېيىتتى. ئايروپىلان كابىنكىسىدىن ھازىرچە ئادەم بايقالمىدى. ئايرىدۇرومىنىڭ تەمىنلىگەن ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ئايروپىلاندا يەنە ئىككى ئادەم بولۇشى كېرەك ئىكەن. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتىن كېيىن بۇ ئىككى ئەرنىڭ جەسىدى بايقالدى. بۇ سۈنئى كۆل رەدۋۇت شەھرىدە بولۇپ، چوڭقۇرلۇقى 2.7مېتىر ئەتراپىدا كېلىدىكەن. كۆلنىڭ ئەتىراپىدا ئىشخانلار ۋە تۇرالغۇ ئۆيلەر بار ئىكەن. ئوۋرىكېل شېركىتى بىلەن ئارلىقى پەقەت ئىككى كېلومېتىر ئەتىراپىدا كېلىدىكەن.
ۋەقەنى كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئايروپىلان كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشقا ئۇرۇنۇپ، ئاۋال ئالدى تەرىپى كۆلنىڭ يېنىدىكى بىر ئىشخانا بىناسىغا ئۇرۇلغان، كەينى تەرپى پەسلەپ سۇغا چۈشۈپ، قاتتىق ئاۋاز چىقارغان. ئىگىلىشىمىزچە، بۇ سۈنئىي كۆل ئالدىنقى ھەپتە مەينەت سۇ قۇيۇپ بېرىلگەنلىكتىن بۇلغۇنۇپ كەتكەن، بۈگۈن بولسا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ ، ئايروپىلاننىڭ يېقىلغۇسى كۆلگە ئېقىپ كەتكەن. بۇ قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئېغىر قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن.
|