|

توقۇنۇشتا قازا قىلغان پۇقرا
شىنخۇا تورى باڭكوك 16–ماي تېلېگراممىسى : تايلاند باڭكوك جىددىي قۇتقۇزۇش ئورگىنىنىڭ 16–ماي ئېيتىشىچە ، تايلاند ئارمىيەسى بىلەن ‹‹ قىزىل كىيىملىكلەر قوشۇنى ›› ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ، شۇ يەر ۋاقتى سائەت 16دىن 22 مىنۇت ئۆتكىچە ، قازا قىلغانلار 31 ئادەمگە يېتىپ ، 230 ئادەم يارىلانغان . باڭكوك جىددىي قۇتقۇزۇش ئورگىنىنىڭ ئېيتىشىچە ، قازا قىلغان 31 ئادەمنىڭ ھەممىسى پۇقرالار ئىكەن .
‹‹ قىزىل كىيىملىكلەر قوشۇنى ››نىڭ رەھبىرى ناتاۋۇ 16–ماي مۇنداق دېدى :‹‹ قىزىل كىيىملىكلەر قوشۇنى ›› ھۆكۈمەت بىلەن سۆھبەتلىشىشىنى خالايدۇ ، لېكىن ھۆكۈمەت ئۇرۇشنى دەرھال توختىتىپ ، لاچباسسوندىكى يىغىن مەيدانىنى قامال قىلىۋالغان ئارمىيەسىنى چېكىندۈرۈپ چىقىپ كېتىشى ، يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنى تېررورچى دەپ قارىماسلىقى ، سۆھبەتلىشىش چوقۇم ب د ت نىڭ مۇرەسسە قىلىشى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك ››.
لېكىن ‹‹ قىزىل كىيىملىكلەر قوشۇنى ›› نىڭ تەلىپى تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى . ھۆكۈمەت باياناتچىسى مۇنداق دېدى : ‹‹ ھەر قانداق بىر ھۆكۈمەت سىرتقى كۈچلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى خالىمايدۇ ››.
تايلاند ئارمىيەسى بىلەن ‹‹ قىزىل كىيىملىكلەر قوشۇنى ›› نىڭ توقۇنۇشى 16 – ماي ناھايىتى شىددەتلىك ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ ، تايلاندنىڭ شىمالى بىلەن شەرقىي شىمالىدىكى ‹‹ قىزىل كىيىملىكلەر قوشۇنى ›› بىرلا ۋاقىتتا ھەرىكەتلىنىپ ، ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۋەتكەن .
|