|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئالمۇتا، 2 – ئىيۇل تېلېگراممىسى. ب د ت نىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئوردونىكىدزې 1 – ئىيۇل قازاقىستان پايتەختى ئاستانىدە: ب د ت قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋنىڭ ‹‹يادرو قوراللىرىدىن ۋاز كېچىش كۈنى›› تەسىس قىلىش تەكلىپىنى قوللايدۇ، دېدى. ئوردونىكىدزې شۇ كۈنى ئېچىلغان 3 – نۆۋەتلىك دۇنيا دىنىي داھىيىلار يىغىنىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشقاندا: ب د ت ۋە باش كاتىپ بان كىمون نەزەربايىۋنىڭ ھەر يىل 29 – ئاۋغۇستنى خەلقئارا ‹‹يادرو قوراللىرىدىن ۋاز كېچىش كۈنى›› قىلىپ بېكىتىش تەكلىپىنى تامامەن قوللايدۇ، دېدى. قازاقىستاننىڭ شەرقىي قىسمىدىكى سېمىپالاتىنسىكى يادرو قوراللىرىنى سىناق قىلىش بازىسى دۇنيا بويىچە يادرو قوراللىرىنى سىناق قىلىدىغان ئەڭ چوڭ بازا ئىدى. بۇ بازىدا 1949 – يىلىدىن 1989 – يىلىغىچە 500 قېتىمدەك يادرو قورالى سىناق قىلىنىپ، شۇ جايدىكى ئاھالىنىڭ سالامەتلىكى ۋە تەبىئىي مۇھىتقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن. 1991 – يىل 29 – ئاۋغۇست نەزەربايېۋ بۇ بازىنى تاقاش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن.
|