|

( ماتېرىيال سۈرەت ) شىنخۇا تورى ئىسلامئاباد 23 – ماي تېلېگراممىسى : پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى پورت شەھىرى كاراچىدا 23 – ماي قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ ، 3 ئادەم قازا قىلىپ ، 8 ئادەم يارىلانغان . پاكىستاندىكى يەرلىك تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ ساقچى تەرەپ خەۋىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە ، شۇ كۈنى ، بىر توپ سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان كىشلەر كاراچى شەھىرىدىكى بىر بازارنىڭ ئەتراپىدا بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈپ قالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان . شۇ كۈنى يەنە كاراچى شەھىرىنىڭ نۇرغۇن رايونلىرىدىمۇ ئارقا – ئارقىدىن زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەن بولۇپ ، ئۈچ ئادەم قازا قىلىپ ، 8 ئادەم يارىلانغان . خەۋەر قىلىنىشىچە ، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىقتا جەمئىي 16 ئاپتوموبىل كۆيدۈرۋېتىلگەن . بۇنىڭ بىلەن كاراچى شەھىرىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدىكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىنلەشكەن ، بىخەتەرلىك تارماقلىرى بۇ رايونلاردىكى بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىنى كۈچەيتكەن . بۇ يىل 4 – ئاينىڭ ئاخىرى ، كاراچىدىكى ئىككى قوراللىق گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ ، ئون نەچچە ئادەم قازا قىلغان .
|