|
بىر نەپەر ئۇكرائىنىيىلىك ئەر 20-چىسلا بىر مەيدان جۇۋاۋا يېيىش مۇسابىقىسدە چىمپىيون بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۆلۈپ كەتتى ، ئۆلۈش سەۋەبى ئېنىقلىنىۋاتىدۇ .
ئۇكرائىنىيە جۇۋاۋىسى بولسا ئۇكرائىنىيەنىڭ ئەنئەنىۋى يىمەكلىكلىرىنىڭ بىرى، ئۇكرانلار جۇۋاۋىنى ۋالۇنجىن دەيدۇ ، ھەرقايسى جايلاردا دائىم جۇۋاۋا يېيىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ .
ئۆلگۈچى بۇ يىل 77 ياشتا ، ئۇكرائىنىيەنىڭ شەرقىدىكى جاپرول رايۇنىنىڭ بىر كەنتىدىن كەلگەن ، شۇ كۈنى بىر مەيدان جۇۋاۋا يېيىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ بىرىنجى بولغان ، لېكىن بىر نەچچە مىنۇتتىن كىيىن بەدىنى بىئارام بولۇپ ، كىيىن ھوشىنى يوقاتقان . مۇسابىقە ئۆتكۈزگەن تەرەپ ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ قالالمىغان .
بۇ قېرى زادى قانچىلىك جۇۋاۋا يېدى بۇ ئېنىق ئەمەس . داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئۇنىڭ بەدىنىنى يېرىپ ئۆلۈش سەۋەبىنى تەكشۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ .
|