|
چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر ئاشكارلانغان AT&T نىڭ ئىچكى ساقلىغۇچ سېستىمىسىكى رەسىملەردە كۆرسىتىلىشىچە، apple ماركىلىق iPhone 5 نىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتىغا ئاز قالغاندا، AT&T بىر يېڭى تىپتىكى «ئاق رەڭلىك iPhone 4s» يانفونى قوشۇلۇپتۇ.
ئىچكى قىسىمدىكى كىشىلەرنىڭ Engadget تور بېكىتىنى تەمىنلىگەن ئېكراندىن تۇتۇلغان رەسىمدە كۆرسىتىلىشىچە، «ئاق رەڭلىك iPhone 4s» يانفونى باشقا تىپىتىكى iPhone تېلېفونلىرىنىڭ كەينىدە تۇرىدىكەن. ھالبۇكى بۇ بىر جەدۋەل ئانچە تولۇق بولماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى بۇ جەدۋەلدە بۇ خىل يانفوننىڭ ساقلاش سىغىمى كۆرسىتىلمىگەن.
يەنە بىر تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان مەسىلە شۇكى، جەدۋەلدىكى «قارا رەڭلىك iPhone 3G 8GB» يانفونىدىكى “G” دا ئوخشىماسلىق بار ئىكەن، iPhone 4s دىكى “s” مۇ چوڭ يېزىلماپتۇ. بۇ بەلكىم كىرگۈزۈشتىكى خاتالىق بولىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ رەسىمدىن كىشىلەرنىڭ، apple نىڭ كېلەركى ئايدا iPhone 5 نى بازارغا سېلىش بىلەن بىرگە يەنە iPhone 4S يانفونىمۇ بازارغا سالىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىۋىلىشى تەس ئەمەس.
ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىزچىل رىۋايەتلەردىكى apple نىڭ ھازىر بار بولغان iPhone 4 يانفونىنىڭ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن مەھسۇلاتىنى “iPhone 4S” نامى بىلەن ئاتاپ كەلگەن بولۇپ، iPhone 3G بىلەن iPhone 3GS مەھسۇلاتلىرى ئارىسىدىكى پەرققە ئوخشاپ قالاتتى. يېقىنقى نەچچە ئايدا، ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىزچىل apple بازارغا سالماقچى بولغان بەشىنچى ئەۋلات ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننى “iPhone 5” دەپ ئاتاپ كەلدى، شۇنداقلا iPhone 4 نىڭ قەدەممۇ قەدەم مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن مەھسۇلاتى “iPhone 4S” دېيىشتى.
نۇرغۇن مىش-مىش گەپلەردە دېيىلىشىچە، ئالدىن تۆلەش بازىرىغا كىرىشكە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، apple ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل تىپتىكى iPhone نى بازارغا سالىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، iPhone 5 غا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردە ئىزچىل “iPhone 4S” غا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار قوشۇلۇپ كەلگەنىكەن.
|