|
جۇڭگو بانكىلارنى نازارەت قىلىش كومىتېتى 12 – ماي ‹‹ئىستېمال پۇل مۇئامىلە شىركىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى باشقۇرۇش چارىسى(پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)››نى ئېلان قىلدى. تۇنجى تۈركۈمدە بېيجىڭ، شاڭخەي، تيەنجىن ۋە چىڭدۇ قاتارلىق تۆت شەھەر نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان شەھەر بولىدىكەن. نۇقتىدا سىناق قىلىش چارىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئىستېمال پۇل مۇئامىلە شىركىتى جۇڭگو بانكىلارنى نازارەت قىلىش كومىتېتى تەستىقلىغان، جامائەتچلىكنىڭ ئامانىتىنى قوبۇل قىلمايدىغان، ئاز سوممىلىق، تارقاق قەرز پۇل تارقىتىشىنى پرىنسىپ قىلغان، دۆلەت ئىچىدىكى پۇقرالارغا خۇسۇسىي ئىستېمال قەرز پۇلى بېرىدىغان بانكىدىن باشقا پۇل مۇئامىلە ئورگىنىدۇر. ئاساسلىق خۇسۇسىي چىداملىق ئىستېمال بۇيۇملىرى قەرز پۇلى ۋە ئادەتتىكى خۇسۇسىي ئىستېمال قەرز پۇلىنى بېجىرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، چىداملىق بۇيۇملار قەرز پۇلى ئاساسلىق كېلىشىپ قويغان ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى، ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق چىداملىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىلىدىغان قەرز پۇلىدۇر. ئادەتتىكى خۇسۇسىي ئىستېمال قەرز پۇلى شەخسنىڭ ۋە ئائىلىلەرنىڭ ساياھەت، توي مەرىكىسى، تەربىيىلىنىش، ئۆي بېزەش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدىغان قەرز پۇلىدۇر. ئىستېمال پۇل مۇئامىلە شىركىتىنىڭ نۇقتىدا سىناق قىلىنىش مەزگىلىدىكى كەسپىي ئۆي – زېمىن قەرز پۇلى ۋە ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش قەرز پۇلى قاتارلىق خەۋپى يۇقىرى مەھسۇلاتلارغا چېتىلىدۇ.
|