|
ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز پاڭ شۈمىن، ياڭ ۋېي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پەن – تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ كادىرى سۈن گوچياڭ تەتقىق قىلىپ چىققان ‹‹چياڭگو تيەنيى›› ئۇيغۇرچە – قازاقچە – قىرغىزچە كومپيۇتېر ئەقلىي ئىقتىدارلىق خەت كىرگۈزۈش يۇمشاق دېتالى مەيدانغا كەلدى. ئىلگىرى ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە يېزىقنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزگەندە، يالغۇز ھەرپ بويىچە كىرگۈزۈلەتتى. يېڭى كىرگۈزۈش سىستېمىسىدا سۆز بىرىكمىسى بويىچە كىرگۈزگىلى بولىدۇ، بىر ياكى بىر قانچە ھەرپنى چەكسىلا مۇناسىپ كۆپ ئۇچرايدىغان سۆز بىرىكمىسى ئېكراندا كۆرۈنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كىرگۈزۈش سۈرئىتى ۋە توغرىلىق نىسبىتى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىملا خاتالىقىنى تۈزىتىش، سۆزنى تۈزىتىش رولىنى ئوينايدۇ، ئۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپ، ئاخبارات، نەشرىيات قاتارلىق ئىشلىرىدا ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. سۈن گوچياڭنىڭ كەشپىياتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى باشقا ئورۇنلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتى، بۇ يىل 3 – ئايدا شىنجاڭ گېزىتخانىسى ئۇنى نەچچە 10 مىليون سۆزلۈك بار گېزىت نۇسخىسى بىلەن تەمىنلىدى. سۈن گوچياڭ بۇ گېزىتلەردىن نەچچە مىليون سۆزلۈكنى تاللاپ ستاتىستىكا قىلدى. سۈن گوچياڭنىڭ تەتقىقات كوللېكتىپىدىكىلەر ئۇ كەشىپ قىلغان بىر خىل رەقەملىك كۇنۇپكا ئارقىلىق ئېلىپبەلىك يېزىقنى كىرگۈزۈش ئۇسۇلىغا ئاساسەن، ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە كىرگۈزۈش ئادىتىگە قاراپ يۇمشاق دېتالنى بىرىكتۈرۈپ، ئاخىرىدا بۇ مەھسۇلاتنى تەتقىق قىلىپ چىقتى.
|